شىركەتنىڭ قىسقىچە چۈشەندۈرلۈشى
شىنجاڭ سادا خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى، مەھسۇلات سۈپىتى ، ئىناۋەت ۋە تەرەققىيات جەھەتتە زور تەسىرگە ئىگە بۇلۇۋاتقان، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە، بولۇپمۇ ئوتتۇرا- ئاسىيادىكى كۆپ دۆلەتلەر بىلەن سودا تورى ھاسىل قىلغان، ئىمپورت- ئېكىسپورت، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى بىر گەۋدە قىلىپ كۈنسايىن گۈللىنىۋاتقان ، ئىلغار باشقۇرۇش ئۇسۇلى، ۋە يۇقىرى سەۋىيىلىك باشقۇرغۇچى خادىملار يىغىلغان مىللىي كارخانىلارنىڭ بىرى. بۇ شىركەت ئىچىكىرى ئۆلكىلەردە ۋە رايۇنىمىزنىڭ قەشقەرشەھرىدە تارماق شىركەتلەرنى تەسىس قىلغان خەلقئارالىق سودا چەكلىك شىركىتى. مەزكۇر شىركەت 2003-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىزمەتچىلىرى 200 نەپەردىن ئاشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق سودا- سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى نەمۇنىلىك كارخانىلارنىڭ بىرى. نۆۋەتتە شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى 150 خىلدىن كۆپىرەككە يىتىپ، يىمەكلىك تۈرلىرى، كۈندۈلىك بۇيۇملار، تازلىق بۇيۇملىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى بازارنىڭ 80 – 90 پىرسەنتىنى ئىگىلەپ، ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدى بولۇپ كەلمەكتە. بۇ شىركەت قۇرۇلغان قىسقىغىنە بىر قانچە يىل ئىچدە، نەزىرىنى خەلقئارا بازارغا قارىتىپ، پاكىستاندىن تىرىت(Treet) ، تىرگ(Trig) ماركىسىدىكى داڭلىق مەھسۇلاتلارنى ، سابا(Saba)، نوۋا(NOVA) ، تىرىت پىلوس(+ Treet) ماركىسىدىكى ئەتتىر سوپۇنلارنى، تىروپىكو ( Tropico) ماركىسىدىكى ئىچىملىكلەرنى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن باتوق(BATOOK) ، نوۋا(NOVA) ، كىس (KISS) ، ۋىۋا (VIVA) قاتارلىق يۈرۈشلۈك سېغىزلىرىنى، خاس قايماق، كورىيەدىن كىرگۈزۈگەن فىرىما، تۈركىيەدىن كىرگۈزگەن ھايات(HAYAT) يۈرۈشلىك سوپۇنلارنى رايۇنىمىزغا كىرگۈزۈپ، خەلقىمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە سۇندى. بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ ئشىلىنىش ئىنچىكە ھەم نەپىس بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى. شىركىتمىز يەنە پاكسىتاندىن ھىلال ماركىسىدىكى يۈرۈشلۈك سېغىزلارنى، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مەدىنە مۇنەۋۋەر خورملىرى، دۇبەيدىن ھەرخىل يۈرۈشلۈك خورمىلارنى بازارغا سالدى. شىنجاڭ سادا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى 2008- يىلى سوپۇن زاۋۇتى قۇرۇپ ، ئۆز ئالدىغا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، دەسلەپكى قەدەمدە ساپ كالا ، قوي يېغىنى ئىشلىتىپ، بارلىق خام ئەشىيالىرىنى ئۆزى تەييارلاپ تۇرنا، سوۋغات ماركىسىدىكى بىر تۈركۈم مۇسۇلمانچە كىر يۇيۇش ۋە يۈز يۇيۇش سوپۇنلىرىنى چىقىرىپ بازارغا سالدى. ھەمدە ئىشلەپچىقىرش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، تۇرنا، جىپسېي ماركىسىدىكى ئەتترى سوپۇنلارنى بازارغا سالدى.ئۆزلۈكسىز كېڭىيۋاتقان بازار ئېھتىياجىنى تەمىنلەش ئۈچۈن داۋاملىق تۈردە چاچ سوپۇن، قاچا- قۇچا يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، ئۇن سوپۇن، چىش پاستىسى قاتارلىق تازلىق بۇيۇملارنى ئىشلەپچىقىرىپ شىركەتنىڭ بازار رىقابىتىدىكى يۇشۇرۇن كۈچىنى نامايەن قىلدى. دېمەك، سۈپەت ۋە ئىشەنچىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان سادا شىركىتى داڭلىق مەھسۇلات ھەم داڭلىق ماركا سىتىراتىگىيسىنى يولغا قۇيۇپ، تىنىمىسىز تەرەققىيات داۋامىدا ئاپتونوم رايۇنىمىزدىكى مۇنەۋۋەر كارخانىغا ئايلاندى. شىركەت خادىملىرى ئۆزلۈكىسىز ھالدا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلەپ، يېڭى ئىدىيە بىلەن قوراللىنىپ شىركەتنى ئەڭ يېڭى تىپتىكى خالقئارالاشقان كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.
|